ئۇكرائىنا سومالىغا بۇغداي ياردەم قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرى يېرماك ئۇزۇندىن بۇيان يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سومالىغا 25 مىڭ توننا بۇغداي ئەۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1925606
ئۇكرائىنا سومالىغا بۇغداي ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرى يېرماك بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، سومالىغا ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ياردەم بەرگەنلىكلىرىنى، يېزا ئىگىلىك پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە سومالىغا ئەۋەتىلگەن 25 مىڭ توننا بۇغداينىڭ بېربېرا پورتىغا يېتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئاچارچىلىق گىردابىغا بېرىپ قالغان ئافرىقا خەلقىگە قىلغان ياردىمىدۇر.»

ئۇكرائىنا سېنتەبىر ئېيىدىمۇ (2022) سومالى ۋە ئېفىيوپىيەگە 50 مىڭ توننا بۇغداي ياردەم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر