سېربىيەدە بىر تېررورلۇق گۇماندارى قولغا ئېلىندى

سېربىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بۇجانوۋىچ شەھىرىدە بىر كىشى تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

1924567
سېربىيەدە بىر تېررورلۇق گۇماندارى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك ئۇچۇر ئاگېنتلىقى (BIA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېربىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت دائىرىسىدە، ئالبانىيەلىك بىر كىشى تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان، ئاختۇرۇش جەريانىدا قورال – ياراغ، مىلتىق، پارتلاتقۇچ بۇيۇم ۋە ھەربىي ئوق-دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گۇماندار قانۇنسىز ھالدا قولغا كەلتۈرگەن بۇ قورال - ياراغلارنى كوسوۋۇغا يەتكۈزمەكچى بولغان.

گۇماندار كېيىنچە تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر