ھېرزوگ: تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ساداقەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمەن

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ، تۈركىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاكىر ئۆزكان تورۇنلارنىڭ ساداقەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلىشنى «تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

1924661
ھېرزوگ: تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ساداقەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرزوگ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىرىت لىللىئاننىڭ تۈنۈگۈن (27-دېكابىر) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن بارغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مارشى بىلەن كۈتۈۋېلىنغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىدى.

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ تۈركچە يېزىلغان ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن (تۈنۈگۈن)، باش ئەلچى ئىرىت لىلىيان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپىنى تەقدىم قىلىشقا بارغان چاغدا ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە خاتىكۋا (ئىسرائىلىيە دۆلەت مارشى)نى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاش تولىمۇ تەسىرلىك ئىدى. مەن تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ساداقەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمەن. بۇ ئىسرائىلىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ قەدەم» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە يىل بويى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش يولىدا نۇرغۇن قەدەملەرنى تاشلىدى؛ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگنىڭ مارتتىكى ئەنقەرە زىيارىتىدىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مايدا ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يايىر لاپىد ئىيۇندا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى.

تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە 17 – ئاۋغۇست دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەشنى قارار قىلغانىدى.

تۈركىيەنىڭ تېل ئاۋىۋغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى شاكىر ئۆزكان تورۇنلار خىزمەت ئورنىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، تېخى ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتىغا ساداقەت مەكتۇپىنى سۇنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر