ئىسرائىلىيە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى

بىر F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چۈشۈپ كېتىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بۇ تىپتىكى ئايروپىلانلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

1923796
ئىسرائىلىيە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان 12-ئاينىڭ 15-كۈنى (2022) ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىغا قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ۋاشىنگتوننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئىسرائىلىيە قولىدىكى  33 دانە F-35 كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ 11 ىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىسكىلاتقا قايتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەمما، قالغان 22 ئايروپىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىيۇلدا F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ قويۇپ بېرىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن، بارلىق مەشىق ئۇچۇشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر