ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى خارۇتيۇنيان قولغا ئېلىندى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى، قوشۇمچە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى مۇئاۋىن باشلىقى مايور گېنېرال ئارايك خارۇتيۇنيان ئالدىنقى سەپتىكى مەجبۇرىيىتىگە سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

1921335
ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى خارۇتيۇنيان قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، خارۇتيۇنياننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەرمېنىيە تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ دەلىللىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېنېرال مايور خارۇتيۇنيان 13 – دېكابىر كۈنى 2-كورپۇسقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 2021-يىلى مايدا گەغاركۇنىك رايونىنىڭ قۇت ۋە ۋەرىن شورژا يېزىلىرىغا يېقىن يەردە ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بەرگەن توقۇنۇش جەريانىدا «ۋەزىپىسىگە سەل قاراش» بىلەن ئەيىبلەنگەن، 14 – دېكابىر نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە شۇ كۈنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە قاماش قارار قىلىنغانىدى.

خارۇتيۇنيان 2 – كورپۇستىكى ۋەزىپىسىگە سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىستىخبارات باشلىقلىقى، قوشۇمچە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.

ئەرمېنىيە مەنبەلىرى، خارۇتيۇنياننىڭ خىزمەتلىرىنىڭ بىر مەزگىل ئىلگىرى توختىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر