كانادادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

كانادانىڭ تورونتودا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ بەش ئادەم قازا قىلدى.

1920561
كانادادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يورك رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئونتارىيو رايونىدىكى بىر تۇرالغۇدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،  ھۇجۇمدا بەش كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ھۇجۇمچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا يارىلانغان بىر كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ساقچىلار، ھۇجۇمچىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن تۇرالغۇنىڭ ئاھالىسى ياكى ئەمەسلىكى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقىنى، تەكشۈرۈش نامەلۇم ھۇجۇم قىلغۇچىنى تېخىچە ئېنىقلىيالمىغان. ۋەقەنى تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.

كانادادا كەڭ كۆلەملىك ئوق چىقىرىش ۋەقەلىرى ناھايىتى ئاز يۈز بېرىدۇ. تورونتو ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر