خىتاي يىراقتىن سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەربىي ئىستىخبارات سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا يوللىدى

خىتاي يىراقتىن سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە «ياۋگەن» تىپلىق ھەربىي ئىستىخبارات سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا يوللىدى.

1919114
خىتاي يىراقتىن سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەربىي ئىستىخبارات سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا، «ياۋگەن-36» تىپلىق ئۈچ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئۇزۇن سەپەر 2D راكېتاسى بىلەن سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ مەركىزىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ پىلانلانغان ئوربىتادىكى ئورنىغا قونغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇزۇن سەپەر ناملىق راكېتا بىلەن 455 – قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى ئىكەن.

ياۋگەن-36 سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمى 26-سېنتەبىردە، ئىككىنچىسى 14-ئۆكتەبىردە، ئۈچىنچىسى 27-نويابىردا قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر