ئامېرىكا قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شەرقىدە ئىككى دائېش كاتتىبېشىنى ئۇجۇقتۇردى

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) سۈرىيەنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا، ئىككى دائېش كاتتىبېشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1917681
ئامېرىكا قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شەرقىدە ئىككى دائېش كاتتىبېشىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە  قىسىملار 11 – دېكابىردا (2022) شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 02:57 دە سۈرىيەنىڭ شەرقىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىك ئۇچار بىلەن ھۇجۇم ئېلىپ باردى. دائېشنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى سۇيىقەستلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ سۈرىيە ئۆلكىلىك باشلىقى ئەنەسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى نەپەر دائېىش كاتتىبېشى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ھەرىكەت جەريانىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەرىكەتنىڭ قايسى ۋىلايەت ۋە رايوندا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى. ھەرىكەتتىكى نۇقتىلىق نىشاننىڭ قايسى دائېش كاتتىبېشى ئىكەنلىكىمۇ  ئۇقتۇرۇلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر