پاكىستاندا ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ماشىنىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئالتە ساقچى قازا قىلدى.

1907073
پاكىستاندا ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرى، موتسىكلىت مىنىۋالغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ دادىۋالا رايونىدا ساقچىلارنىڭ چارلاش ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر