ئەسسۇدانى ئىراق - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ تەرەققىياتىدا رول ئوينىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1903966
ئەسسۇدانى ئىراق - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەسسۇدانى پايتەخت باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ ئىراق - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق سودا مىقدارىمىز يۇقىرى، باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىمىزمۇ ناھايىتى زور. تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەت، ئۇ ئىراقنىڭ تەرەققىياتىدا رول ئوينىيالايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

باش مىنىستىر سۇدانى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۇ ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ئورتاق مەسىلىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھۆل-يېغىننىڭ ئازىيىشى ۋە تۈركىيە بىلەن ئىراندىن كېلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى بىزدە سۇ مەسىلىسى پەيدا قىلىدۇ. بىز دىپلوماتىيەدىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارىمىز. ئىراقنىڭ بۇ دۆلەتلەردىن كېلىدىغان سۇدىكى ئۈلۈشى خەلقئارا قانۇلاردا كۆرسىتىلگەن بىر بەلگىلىمىنىڭ تەقەززاسى. سۇ توغرىسىدا ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. چۈنكى، بىز دېھقانچىلىق ئىستراتېگىيەمىز ئۈچۈن سۇغا موھتاج» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر