شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پ ك ك توغرىسىدا بايانات بەردى

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى —پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ دىن ئۆزىنى يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1902708
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پ ك ك توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىلستروم شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىغا دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، شىۋىتسىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ناتوغا كىرىش يولىدا تۈركىيەنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ دىن يىراقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تەشكىلاتلار بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىكى پ ك ك ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەت بار، بۇلار شىۋېتسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.

بىلستروم: «ئاساسلىق نىشان، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىنىستىر بىلسترومنىڭ باياناتى، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسوننىڭ سەيشەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىشىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇنقى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

شىۋېتسىيەنىڭ 30 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيەدىن باشقا 28 دۆلەت تەرىپىدىن تەستىقلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر