ئامېرىكا تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا «ئاشلىق كارىدورى» مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

1901487
ئامېرىكا تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، تۈركىيەگە، رۇسىيەنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسى كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشىدە ئوينىغان رولى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

باياناتچى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقى ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بىرلەشمە قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ھەمدە كېلىشىمگە ئاساسەن، ئۇكرائىنادىن ھازىرغىچە 10 مىليون توننا ئاشلىق يۆتكەلگەنلىكىنى، كېلىشىمنىڭ دۇنيا ئۈچۈن «كەم بولسا بولمايدىغان»لىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى رولى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئەمەلىيەتتە، مەن تۈركىيە ۋە ب د ت باش كاتىپىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتىم. بۇ كېلىشىمنى باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېس تەييارلىدى، ئەمما ئۇ ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ، ئاندىن ئۇكرائىنا ۋە ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىقتى. بىز باش كاتىپ ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر