جەنۇبىي كورېيەدە يۈز بەرگەن قىستى-قىستاقچىلىقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 151 گە يەتتى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن جادىگەرلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە يۈز بەرگەن قىستى-قىستاقچىلىقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 151 گە يەتتى.

1899474
جەنۇبىي كورېيەدە يۈز بەرگەن قىستى-قىستاقچىلىقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 151 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «يونخاپ» نىڭ بىلدۈرىشىچە، پايتەخت سېئۇلنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىتاۋون رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن جادىگەرلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە يۈز بەرگەن قىستى-قىستاقچىلىقتا 19 كىشى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 82 كىشى يارىلانغان.

دۆلەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن چوي چېئون سىكنىڭ ئېيتىشىچە، قىستى-قىستاقچىلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى جايلاشقان تار كوچىدا ئارقا تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ بىر بىرىنى ئىتتىرىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن.

چوي چېئون سىك 800 دىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە 140 ئەتراپىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىتاۋون كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر داڭلىق سەنئەتچىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا دائىر مىش-مىش پاراڭلار بىلەن كىشىلەرنىڭ سەل بولۇپ ئېقىشى سەۋەبىدىن دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ۋەقەدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.  

ساقچىلار قازا قىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىرېزىدېنت يون سۇك يېل ۋەقەدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن جىددىي ھالەت يىغىندا، رايونغا جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتىش ۋە يارىلانغانلارنى داۋالاش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

يون سۇك يېل يەنە، دۆلەت ئىچىدە ماتەم ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى ئەدلىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنمۇ سېئۇلدا يۈز بەرگەن قىستى-قىستاقچىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن كورېيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر