ئىران: ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا ئۇكرائىنا بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارمىز

ئىران رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تېھراندا ئىشلەنگەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى.

1894737
ئىران: ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا ئۇكرائىنا بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تېھراندا ئىشلەنگەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن تېھراندىن رۇسىيەگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىپ، بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئىرانغا قارشى دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن سىياسىي غەرەزلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەزكۇر ئەيىبلەشلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارمىز» دېگەن.

تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كەنئانى، ئىراننىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئىران تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلىرىنى ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ۋە پۇقراۋىي نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىشلەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇس ئوپېراتورلار ئىرانغا بېرىپ بۇ سىستېمىلارنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلدى. بۇ سىستېمىلارنىڭ ھەربىي ۋە پۇقراۋىي نىشانلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئائىت نۇرغۇن پاكىتلار بار. ئامېرىكا جاۋابكارلارغا جازا يۈرگۈزۈش ياكى تەدبىر قوللىشتىن باش تارتمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر