ئەسىر ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە 32 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرى قويتۇرۇپ كېلىندى

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە 32 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1891659
ئەسىر ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە 32 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرى قويتۇرۇپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا، «بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ئۆيلىرىدە. يەنە بىر قېتىم ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى» دېيىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى باشلىقى ئاندرېي يېرماكمۇ تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا دائىر مەلۇمات بېرىپ، 32 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاندرېي يىرماك قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئىچىدە «يوقاپ كەتتى» دەپ قارالغان بەزى ئەسكەرلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇلار قاتتىق تۇقۇنۇش بولۇۋاتقان جايلاردا بولدى. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى <يوقاپ كەتتى> دەپ قارالغان ئىدى. بىز بۇلارنى قايتۇرۇپ كەلدۇق» دېدى.

ئەسىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان 62 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭمۇ رۇسىيە تەرىپىدىن ئۇكرائىناغا قايتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر