ئانگېلا مېركېل: پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىدا تۈركىيە گېرمانىيەدىنمۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالدى

گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىدا تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەدىنمۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

1891094
ئانگېلا مېركېل: پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىدا تۈركىيە گېرمانىيەدىنمۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانگېلا مېركېل 2015 - ۋە 2016 - يىللىرىدىكى پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسى مەزگىلىدە زوراۋانلىق ۋە زىيانكەشلىك تەھدىتى ئاستىدىكى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىنى دۆلىتىگە قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن «نەنسېن پاناھلانغۇچىلار مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.

مېركېل شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنى ياردەمسۆيەر كىشىلەرگە ۋاكالىتەن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەسئۇللار بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتتى.

مېركېل ئۆز دۆلىتىدىن يىراقلاپ كېتىشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن پاناھلانغۇچىلارغا تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن 3 مىليون 800 مىڭ پاناھلانغۇچىنى كۈتۈۋالدى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىدا، گېرمانىيەدىنمۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مېركېل، پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىخەتەر ھالدا ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتەلىشى ئۈچۈن سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر