پاشىنيان پۇتىن ۋە ماكرون بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

1879050
پاشىنيان پۇتىن ۋە ماكرون بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، پاشىنياننىڭ پۇتىن ۋە ماكرون بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى ئەڭ يېڭى توقۇنۇشلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرمېنىيە تاراتقۇلىرى باش مىنىستىر پاشىنياننىڭ ھۆكۈمەت بىناسىدا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرانىڭ داشكەسەن، كەلبەجەر ۋە لاچىن تەرەپلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر