ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇس قىسىملىرىنىڭ خېرسون رايونىدىكى بەزى جايلاردىن چېكىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى خېرسون رايونىنىڭ بەزى ئولتۇراق رايونلىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
1878635
![ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇس قىسىملىرىنىڭ خېرسون رايونىدىكى بەزى جايلاردىن چېكىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c538/6ea8/63d3/631ed31a05a2d.jpg?time=1718584473)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ خاركىۋ رايونىدىكى قايتۇرما ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ رايوندىكى ئورۇنلىرىنى بوشىتىپ چېكىنىشنى، ئارمىيەنىڭ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خېرسون رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ بۇ رايوندىكى بەزى ئولتۇراق رايونلاردىن چېكىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈردى.