ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا بىتچىت قىلىنغان رۇس تانكىلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان بىرونېۋىكلىرى پايتەخت كىيېۋدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

1870680
ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا بىتچىت قىلىنغان رۇس تانكىلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى
kiev rus tank.jpg
kiev rus tank.jpg
kiev rus tank.jpg
kiev rus tank.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان ئۇكرائىنا، 24-ئاۋغۇست مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلماقتا؛ ئۇكرائىنالىقلار ئۇرۇش سەۋەبىدىن بۇ يىلقى مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بەرمەكتە.

مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن ئىلگىرى، ئۇرۇش جەريانىدا رۇس ئەسكەرلىرىدىن تارتىۋېلىنغان تانكا ۋە موتورلۇق زەمبىرەك سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن برونېۋىكلار، كىيېۋنىڭ كرېشاتىك كوچىسىدا كۆرگەزمە قىلىندى. مىڭلىغان ئۇكرائىنالىقلار بىتچىت قىلىنغان رۇس بىرونېۋىكلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن كرېشاتىك كوچىسىغا باردى، بىر قىسىم زىيارەتچىلەر قاتناش توختىتىلغان كوچىدىكى كېرەكسىز رۇس بىرونېۋىكلىرىنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتى.

24 – فېۋرال باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دەسلەپتە پايتەخت كىيېۋ ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدا داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر