خىتاي ئارمىيەسى بوخەي دېڭىزى ۋە سېرىق دېڭىزدا مانېۋىر باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

خىتاي دۆلەتنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدىكى بوخەي دېڭىزى ۋە سېرىق دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىپ مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1864628
خىتاي ئارمىيەسى بوخەي دېڭىزى ۋە سېرىق دېڭىزدا مانېۋىر باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 8-ئاۋغۇستتىن 8 - سېنتەبىرگىچە پايتەخت بېيجىڭغا يېقىن يەردىكى بوخەي دېڭىزىدا ۋە 7-ئاۋغۇستتىن 15 – ئاۋغۇستقىچە سېرىق دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي مانېۋىرلار سەۋەبىدىن بۇ رايونلارنىڭ پاراخوت قاتنىشىغا تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بېيجىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 300 كىلومىتىر كېلىدىغان بوخەي دېڭىزى، سېرىق دېڭىز قولتۇقىدىكى ئىچكى دېڭىز ھېسابلىنىدۇ. سېرىق دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىمۇ ئايرىم مانېۋىرنىڭ باشلىنىشى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل رايوندىكى پاراخوت قاتنىشىغا چەكلىمە پەيدا قىلىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىشقا ئاشۇرغان زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن ئەتراپىدىكى ئالتە رايوندا ھەقىقىي ئوق-دورىلارنى ئىشلىتىپ مانېۋىر باشلىغانىدى. بۈگۈن ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان مانېۋىرلار، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەتالاش قىلىنىۋاتقان ئارال ئەتراپىدا ئەمەلىي قامال پەيدا قىلغانىدى. بەزى رايونلار مانېۋىر سەۋەبىدىن پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتنىشىغا تاقىۋېتىلگەن، بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن بوغۇزدىكى قاتناشنىڭ توختاپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر