پۇتىن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىندا، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە – رۇسىيە باشلىقلار يىغىنى ۋە قاراباغدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
1863830
![پۇتىن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0af6/7a09/911d/62ebbc96e7e27.jpg?time=1718833428)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا تور ئارقىلىق قاتناشتى.
يىغىندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئەتە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، تۈركىيە -رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە قاراباغدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.