ياپونىيە ئۆتكەن ھەپتە دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ يۇقۇم بايقالغان دۆلىتى بولدى

ئۆتكەن ھەپتە 969 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان ياپونىيەنىڭ دۇنيانىڭ «ئەڭ كۆپ يۇقۇم بايقالغان دۆلىتى» بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1860745
ياپونىيە ئۆتكەن ھەپتە دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ يۇقۇم بايقالغان دۆلىتى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا ئاساسەن، 24 – ئىيۇلغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە 969 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمدە  يۇقۇم بايقالغان ياپونىيەنىڭ «ئەڭ كۆپ يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان دۆلەت» بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەڭ كۆپ يۇقۇم بايقالغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە تەخمىنەن 860 مىڭ كىشىدە يۇقۇم بايقالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىككىنچى،  570 مىڭ كىشىدە يۇقۇم بايقالغان گېرمانىيەنىڭ ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يۇقۇش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى «BA.5» تارماق تىپى ناھايىتى كەڭ تارقىلىۋاتقان ياپونىيە، كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ 7-دولقۇنىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يۇقۇمنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىن خېلىلا يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، بەزى دۆلەتلەردە دوختۇرخانىدا ياتىدىغان بىمارلار سانىنىڭ ئېىشىشىغا، سەھىيە خادىملىرى بىلەن ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر