رۇسىيە «شەرق - 2022» دېگەن نامدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، رۇسىيەنىڭ «شەرق -2022» ناملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1860065
رۇسىيە «شەرق - 2022» دېگەن نامدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە شەرقىي ھەربىي رايون قىسىملىرىنىڭ  30 - ئاۋغۇستتىن 5 - سېنتەبىرگىچە رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەرق-2022» ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى، ھەربىي تىرانسپورت ئاۋىياتسىيەسى ۋە يىراق مۇساپە ئاۋىياتسىيە قىسىملىرى ۋە چەت ئەل ئەسكەرلىرىمۇ قاتنىشىدىغان مانېۋىر، دۆلەتنىڭ شەرقىي رايونىنىڭ ھەربىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدكەن.

مانېۋىر رۇسىيە شەرقىي ھەربىي رايونىنىڭ 10 نەچچە مەشىق ساھەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر