ئىران دائىرىلىرى تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا چاقىرىق ئېلان قىلدى
ئىراننىڭ تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيىلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى كامال ھارازى تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بىر دىيالوگ تەشەببۇسكارلىقى باشلاش چاقىرىقىدا بولدى.
![ئىران دائىرىلىرى تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا چاقىرىق ئېلان قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/dadd/2b9a/88dd/6166bf68d82cd.jpg?time=1718991861)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيىلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى كامال ھارازى رايوندىكى كرىزىسلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ دىيالوگ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بۇ جەھەتتە بىر تەشەببۇسكارلىق باشلاش چاقىرىقىدا بولدى.
ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامىنىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كامال ھارازى ئەلجەزىرە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «قاتار رايون خاراكتېرلىق دىيالوگ ئۈچۈن مۇھىم تەكلىپلەرنى بەردى، تېھران دائىرىلىرى بۇنىڭغا تولۇق تەييار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى» دېدى.
كامال ھارازى رايوندىكى كرىزىسلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ دىيالوگ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر قاتارلىق مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن رايون خاراكتېرلىق سۆھبەتنى باشلاش» چاقىرىقىدا بولدى.