ماراكەشتە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 1000 گېكتاردىن ئارتۇق ئورمان زىيانغا ئۇچرىدى

ماراكەشنىڭ شىمالىدا ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە 1000 گېكتاردىن ئارتۇق ئورمانغا زىيان يەتكۈزگەن ئوت ئاپىتى تېخىچە كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىنالمىدى.

1855434
ماراكەشتە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 1000 گېكتاردىن ئارتۇق ئورمان زىيانغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۆلەتلىك ئورمان ۋە كېلىمات خەۋىپىنى باشقۇرۇش دېرىكتورى فۇئاد ئەسسالى ماراكەش خەۋەر ئاگېنتلىقى «MAP» غا بەرگەن باياناتىدا، ئەل-ئارايس، لاراش، تىتۋان، ئۇۋزان ۋە تازا رايونىدا ئىككى كۈندىن بۇيان ئوت ئاپىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسسالى نۇرغۇنلىغان ئەترەتنىڭ دالا ماشىنىلىرى ۋە ئايروپىلانلار بىلەن ئوت ئاپىتىگە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭمۇ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاسسالى كۆپ قىسمى لاراش ۋە ئۇۋزاندا بولۇپ، جەمئىي 1000 گېكتاردىن ئارتۇق ئورماننىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، شامال ۋە ئىسسىق ھاۋارايىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر