دونالد ترامپنىڭ تۇنجى ئايالى ۋاپات بولدى

ئالدىنقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۇنجى ئايالى ۋە ئۈچ بالىسىنىڭ ئانىسى ئىۋانا ترامپنىڭ نيۇ-يوركتىكى ئۆيىدە 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرنى ھەمبەھىرلىدى.

1855488
دونالد ترامپنىڭ تۇنجى ئايالى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دونالد ترامپ تۇنجى ئايالىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «Truth Social»، «ھەقىقىي ئىجتىمائىي مۇنبەر» دە ئېلان قىلىپ، «ئىۋانا ترامپنىڭ نيۇ-يوركتىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇقتۇرغىنىمدىن تولىمۇ ئازابلىنىۋاتىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپنىڭ يازمىسىدا، «ئۇ (ئىۋانا) كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان بىر شەكىلدە ھايات كەچۈردى. گۈزەل ۋە ئېسىل ئايال ئىدى. ئۇنىڭ ئىپتىخارى ۋە خۇشاللىقى ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى دونالد جىر، ئىۋانكا ۋە ئېرىك ئىدى. ئۇ بالىلىرىدىن پەخىرلىنەتتى، چۈنكى بىز ھەممىمىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتۇق» دېدى.

ئىۋانا چېخدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1977 - يىلى نيۇ-يوركتا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق ئۆي-مۈلۈك مەبلەغچىلىرىدىن بىرى بولغان دونالد ترامپ بىلەن توي قىلغان ئىدى.

ئىۋانا 2016 - يىلى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقى نامزاتلىقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بولۇپ،  ئۇ 2017-يىلى ئانا بولۇش توغرىسىدا «تىرامپنى بېقىش» ناملىق كىتابىنى يازغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر