رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا تارتقان زىيانلىرى

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ بايانتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تەخمىنەن 32 مىڭ 150 رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن.

1841769
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا تارتقان زىيانلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24 - فېۋرالدا باشلانغان روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئارمىيە باش ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تارتقان زىيانلىرى ھەققىدە يېڭى بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، تەخمىنەن 32 مىڭ 150 رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە: «1430 تانكا، 3484 برونىۋىك، 715 زەمبىرەك سىستېمىسى،  226 «MLR» سىستېمىسى، 97 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، 212 ئۇرۇش ئايروپىلانى، 178 تىك ئۇچار ئايروپىلان، 582 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 13 پاراخوت، ماي توشۇغۇچى ئاپتوموبىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 2445 يۈك ئاپتوموبىلى، 54 ئالاھىدە قىسىم ۋە 125 باشقۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى» دېيىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر