ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئۆزۈلگەن ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنى، لوس ئانژېلېس خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئاخىرلاشتى.

1841508
ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە كىرىشنىڭ قانۇنىي يوللىرى، كۆچمەنلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلارغا ياردەم بېرىش، ئىنسانىي چېگرا باشقۇرۇش ۋە ئۆزئارا ماسلىشىپ جىددىي مۇداخىلە قىلىش تەدبىرلىرى قاتارلىق بەزى پىرىنسىپلار ئېلان قىلىندى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەدبىرلەرگە ئاساسلانغاندا، كوستارىكا ھۆكۈمىتى كۇبالىقلار، نىكاراگۇئالىقلار ۋە ۋېنېزۇئېلالىقلارنى قوغداش سىياسىتىنى كېڭەيتىپ يولغا قويىدىكەن. مېكسىكا ۋاقىتلىق ئىشچىلار ۋىزا تۈزۈمىنى كېڭەيتىپ، ھەر يىلى 15 - 20 مىڭ گۋاتېمالالىققا خىزمەت ۋىزىسى بېرىدىكەن.

ئامېرىكا مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 314 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا، تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەن بەزى دۆلەتلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش مەقسىتىدە مەبلەغ سالىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىققان بىر قىسىم كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەمما مېكسىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كۇبا، ۋېنېزۇئېلا ۋە نىكاراگۇئانىڭ يىغىنغا چاقىرىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىنى بايقۇت قىلغان بولغاچقا، يىغىندا چىقىرىلغان مەزكۇر قارارلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر