سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ گۇماندارىنىڭ بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئاپرېلدا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر بازىدا مەيدانغا كېلىپ كۆپ ساندا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاشنىڭ گۇماندارى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1838738
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ گۇماندارىنىڭ بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى باياناتچىسى پاترىك بارنېس بايانات ئېلان قىلىپ، گۇماندارنىڭ ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئەمما ئۇ، گۇماندارىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى دەسلەپتە ئەسكەرلەرنىڭ يارىلىنىشىغا بىر زەمبىرەك ئوقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئارقىدىن 7 – ئاپرېل يېشىل كەنت ناملىق ھەربىي بازىنىڭ ئوق – دورا ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ بىر ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن قەستەن سادىر قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

پارتلاش ئىككى تايانچ بىناغا زەربە بەرگەن،  تۆت مۇلازىمەت خادىمىنىڭ مېڭە زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر