رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ 2 باش ئىشتابىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ 2 باش ئىشتابىنى ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1839098
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ 2 باش ئىشتابىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بايانات بەردى.

ئىگور كوناشېنكوۋ ئۇكرائىنانىڭ لۇخەنسك رايونىغا جايلاشقان ۋرۇبىۋكا ۋە ياكوۋلېۋكا ئولتۇراق رايونىدىكى 2 ئوق دورا ئامبىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىككى باش ئىشتاب ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىمىز بىلەن پاچاقلاپ تاشلاندى» دېدى.

كوناشېنكوۋ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۇكرائىنانىڭ 12 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۈگۈنگە قەدەر ئۇكرائىناغا تەۋە 190 ئايروپىلان، 129 تىك ئۇچار، 1139 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 333 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، 3 مىڭ 443 تانكا ۋە برونېۋىك، 478 كۆپ تۇڭلۇق راكېتامىيوت، 1807 زەمبىرەك ۋە مىناميوت، 3 مىڭ 464 ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىل يوق قىلىندى» دېدى.

كوناشېنكوۋ دونېتسىك رايونىغا جايلاشقان سۋاتوگورسكتىدىكى بىر چېركاۋغا ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەستەن يوقىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ سۆزلىرىنىڭ «يالغان» ئىكەنلىكىنى ئوىلگىرى سۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر