دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە بىر مىنىستىر ئىشخانىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئورلاندو جورجې مېرا يېقىن دوستى تەرىپىدىن ئىشخانىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

1838881
دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە بىر مىنىستىر ئىشخانىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دومىنىكا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى مىنىستىر مېرانى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن مىگۇئېل كرۇزنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پايتەخت سانتو دومىنگودىكى مىنىستىرلىق بىناسىغا نۇرغۇن ساقچى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئەۋەتىلدى. ساياھەت مىنىستىرلىقىمۇ ئورۇن ئالغان بىنا بىخەتەرلىك چەمبىرىكىگە ئېلىندى.

شاھىتلار ھۇجۇم جەريانىدا 7 پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلىغانلىقلىرىنى ۋە  مىنىستىرلىقتىكى كىشىلەرنىڭ تامدىن سەكرەپ قېچىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى مېرا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئادۋوكات بولۇپ، ئۇ زامانىۋى ئىنقىلاب پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولۇپ، 2020-يىلى ئاۋغۇستتا مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر