ب د ت خ ك نىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئالبانىيە، تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى (ب د ت خ ك) نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئالبانىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فەرىت، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1836663
ب د ت خ ك نىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئالبانىيە، تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 6-ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالبانىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى فەرىت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ چارىسىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «تۈركىيە ناتو ئەزالىرىغا دوست دۆلەت شۇنداقلا ناتونىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. مەن ئىشىنىمەنكى، تۈركىيەمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن كېيىن قايتىدىن جانلانغان كۈچلۈك بىر ئىتتىپاقنى كۆرۈشنى خالايدۇ. نۆۋەتتە ھەممە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، بۇ خىل كوللىكتىپ مۇداپىئە ئىتتىپاقىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر