ئۇكرائىنا رۇسىيە قىسىملىرىغا قانچىلىك زىيان سالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قانچىلىك زىيان تارتقانلىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلىدى.

1817635
ئۇكرائىنا رۇسىيە قىسىملىرىغا قانچىلىك زىيان سالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىناغا جەڭ ئېلان قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 21 مىڭ 900 ئەسكەر، 181 ئايروپىلان، 154 تىك ئۇچار ۋە 884 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى 24-فېۋرالدىن 25-ئاپرېلغىچە (2022) بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە ئارمىيەسى تارتقان زىيانلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسىدىن تەخمىنەن 21 مىڭ 900 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلگەن، رۇسىيەگە تەۋە 181 كۈرەشچى ئايروپىلان، 154 تىك ئۇچار، 884 تانكا، 258 بىرونېۋىك، 411 زەمبىرەك، 149 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە 69 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋەيران  قىلىپ تاشلانغان.

رۇسىيە قىسىملىرى يەنە، 1566 ئاپتوموبىل، 8 پاراخوت ۋە تېز سۈرئەتلىك كېمە، 76 يېقىلغۇ تىرانسپورت ۋاستىسى ۋە 201 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىنمۇ ئايرىلىپ قالغان.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 25-مارتتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنادا 1351 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر