بۇلغارىيە: تۈركىيەدىن كېلىدىغانلار كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ

بۇلغارىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەدىن كېلىدىغانلارغا يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىنى بۈگۈندىن ئېتىبارەن بىكار قىلدى.

1811786
بۇلغارىيە: تۈركىيەدىن كېلىدىغانلار كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيە سەھىيە مىنىستىرى ئاسېنا سېربېزوۋا باياناتىدا، بۈگۈندىن باشلاپ تۈركىيەدىن باشقا يەنە، شىمالىي ماكېدونىيە، رۇمىنىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيە، چېخ، سلوۋاكىيە، ئىسرائىلىيە ۋە مىسىردىن كېلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى گۇۋاھنامىسىىنى كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سېربېزوۋا بۇ قارارنامە بىلەن دۆلەتتىكى ھەر خىل خەلقئارالىق تەتقىقاتلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش ناتو دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى گۇۋاھنامىسىىنى كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلغارىيەدە كوۋىد -19 غا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «پەۋقۇلئاددە يۇقۇم ۋەزىيىتى» 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر