ئاۋىستىرىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ  ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئاۋىستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىستانبۇلدا (ئۇكرائىنا بىلەن) باشلانغان تىنچلىق سۆھبىتىگە ھازىرمۇ ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

1810742
ئاۋىستىرىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ  ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرىيە باش مىنىستىرى نېخاممېر رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاۋىستىرىيە مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بەردى.

كارل نېخاممېر ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىجابىي بولمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دىئالوگنىڭ ۋە ئالاقىنىڭ داۋاملىشىشىنى نىشان قىلغان بۇ تەشەببۇسنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

كارل نېخاممېر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن بىرمۇ-بىر كۆرۈشۈش تەكلىپىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتىننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىستانبۇلدا (29-مارتتا) باشلانغان ۋە ۋاقتىنچە توختىتىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ  داۋاملىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان نېخاممېر، «پۇتىن ئىستانبۇلدىكى مۇزاكىرىلەرگە ھازىرمۇ ئىشىنىدۇ، بۇ ھەقتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ» دېدى.

كارل نېخاممېر ئۇرۇش باشلانغان 24-فېۋرالدىن بۇيان ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى ياۋروپا ھۆكۈمەت باشلىقى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر