ئىمران خان تەرەپدارلىرى پاكىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ قوللىغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە خاننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1810376
ئىمران خان تەرەپدارلىرى پاكىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان مەھەللىرى تاراتقۇلىرى، پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى  ئىمران خاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن پايتەخت ئىسلامئاباد، كاراچى، لاھور، پېشاۋار، مولتان قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پاكىستان ۋە پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، ئىمران خاننى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى، پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان رەقىب پارتىيەلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سابىق باش مىنىستىر ۋە پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى ئىمران خان تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ يەرلىك ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرغان ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى» گە نارازىلىق بىلدۈرگەن پاكىستانلىقلارغا رەھمەت ئېيتتى.

ئىمران خان 1947- يىلى پاكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى، ئەمما چەت ئەلنىڭ ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش پىلانلىرىغا قارشى ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ بۈگۈن قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى كۈنى پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، ئىمران خان ھۆكۈمىتى 174 رەت بېلىتىگە ئېرىشىپ تارقىلىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر