سىرى لانكادا باش مىنىستىردىن باشقا بارلىق مىنىستىرلار ئىستىپا بەردى

ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا سەھنە بولۇۋاتقان سىرى لانكادا، باش مىنىستىر ماھىندا راجاپاكسادىن باشقا بارلىق مىنىستىرلار ئىستېپا بەردى.

1806584
سىرى لانكادا باش مىنىستىردىن باشقا بارلىق مىنىستىرلار ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مائارىپ مىنىستىرى دىنېش گۇناۋاردېنا باش مىنىستىر راجاپاكسانىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە كابىنېتنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ئىستېپاسىنى باش مىنىستىرغا سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئىستېپا بەرگەن 26 مىنىستىرنىڭ ئىچىدە باش مىنىستىر راجاپاكسانىڭ ئوغلى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى نامال راجاپاكسا تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، بۇ ئەھۋاللارنىڭ خەلققە ۋە ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشقا ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا نارازلىق بىلدۈرۈۋاتقان نامايىشچىلار، توك توختاش 13 سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن، 31-مارتتا پىرېزىدېنت گوتابايا راجاپاكسانىڭ تۇرالغۇسىغا يېقىن جايغا توپلىشىشقا باشلىغان ئىدى.

ساقچىلار «دىكتاتور گوتا» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، راجاپاكسانى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان نامايىشچىلارنى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتا 24 ساقچى ۋە نۇرغۇن پۇقرا يارىلانغان ھەمدە 54  كىشى نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەسلەپتە پايتەخت كولومبودا، ئاندىن غەربىي ئۆلكىدە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش يولغا قويۇلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت راجاپاكسا نامايىشلارغا «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ باھا بەرگەن شۇنداقلا ۋەقەلەرگە «ئاشقۇن كۈچلەر» نىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 1-ئاپرېل جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

سىرى لانكادا نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى چەكلەنگەن ئىدى.

جەنۇبىي ئاسىيادا 21 مىليون نوپۇسى بار بولغان ئارال دۆلىتى سىرى لانكانىڭ 1948-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر