رۇسىيە «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى»گە دۇچ كەلگەن تەقدىردە يادرو قورالى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، دۆلەت «مەۋجۇتلۇق خەۋپى»گە دۇچ كەلگەن تەقدىر، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يادرو قورالىغا مۇراجىئەت قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
1800254
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي پېسكوۋ CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئۇ، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر دۆلىتىمىز مەۋجۇتلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلسە، ئۇ ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېدى.
پېسكوۋ، پۇتىننىڭ ھازىرغىچە ئۇكرائىنادىكى نىشانىغا يەتكەن ياكى يەتمىگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ياق، ئۇ تېخى نىشانىغا يەتمىدى» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» دەپ ئاتىغان پېسكوۋ: «ھەرىكەتلىرىمىز ئالدىن بېكىتىلگەن پىلان ۋە نىشان ئىچىدە ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.