ماكرون: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن دۇنياۋى ئاشلىق كرىزىسى يۈز بېرىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن دۇنياۋى ئاشلىق كرىزىسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1800519
ماكرون: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن دۇنياۋى ئاشلىق كرىزىسى يۈز بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيە بىلۇ رادىيوسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئۇرۇش سەۋەبىدىن يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك ​​كىشىلەرگە يېمەكلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماكرون خەلقنى پەقەت فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنىلا سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە رەھبىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق ئوردىسى كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەر ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر