ھاررىسنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى نەنسى مېك ئېلدوۋنىي ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھاررىسنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى نەنسى مېك ئېلدوۋنىينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىنى فىلىپ گوردوننىڭ تەيىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1799490
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاررىسنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مېك ئېلدوۋنىينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، مېك ئېلدوۋنىيدىن بوشالغان ئورۇنغا ھاررىسنىڭ ھازىرقى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى گوردوننى تەيىنلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ھاررىسنىڭ گۇرۇپپىسىدىن ئىلگىرىمۇ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى شۇنداقلا ئاخبارات ئىشخانىسىدىن نۇرغۇن كىشى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى.