خىتايدا يولۇچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى، 133 يولۇچىنىڭ ئاقىۋىتى نامەلۇم
خىتايدا 133 يولۇچى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
1799184
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدىن گۇاڭجۇغا ئۇچقان شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاننىڭ گۇاڭشى رايونىدىكى تاغلىق رايوندا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە رايوندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بويىن 737 تىپلىق ئايروپىلاندا، 133 يولۇچىنىڭ بارلىقىنى ۋە قانچە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى خەۋەر قىلدى.