زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان پەيتى كەلدى، دېدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ ئۆز خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان زىيىنىنى ئازايتىشنىڭ بىردىنبىر پۇرسىتىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1798329
زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان پەيتى كەلدى، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بۇ قېتىم پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بىناسى ئالدىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئاممىغا خىتاب قىلدى؛ ئۇ سۆزىدە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان پەيتى كەلدى» دېدى.

ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، ئەكسىچە بولغاندا ئۇچرىغان تالاپەتلىرى يۈزىسىدىن بىر قانچە ئەۋلادنىڭمۇ رۇسىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك سۆھبەتلىرى رۇسىيەنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان زىياننى ئازايتىشى ئۈچۈن بىردىنبىر پۇرسەت» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتكە كىرىشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن زېلېنىسكىي: «مۇداپىئەمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك ئەشيالار، قانۇنلارنىڭ روھىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئۇكرائىناغا تاپشۇرۇلىدۇ. پۈتكۈل بىيورۇكراتىك جەرياننى، قوشۇمچە قىممەت بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تاموژنا بېجى ۋە رەسمىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر