ياۋروپا كېڭىشى پۇتىندىن ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

1796283
ياۋروپا كېڭىشى پۇتىندىن ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىچېل، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتىدە، پۇتىن بىلەن، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەت  ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، پۇتىننى، ئۇكرائىنادا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغانلىقىنى، دەرۋەقە، ۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «قېرىنداش قاتىلى» ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە كۈچلىرى ئۇكرائىنالىق پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىشى كېرەك، رۇسىيە دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورلىرىنى ئېچىشى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۇكرائىنادىن باشقا جايلارغا بىخەتەر ھالدا ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.»

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر