ۋاڭ: خىتاي ئۇكرائىنا كرىزىسىغا تەرەپ بولمايدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا تەرەپ بولمايدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1796200
ۋاڭ: خىتاي ئۇكرائىنا كرىزىسىغا تەرەپ بولمايدۇ
Vang Yi.jpg
Vang Yi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر ۋاڭ تۈنۈگۈن (15-مارت) ئىسپانىيەلىك مەنسەپدېشى جوسې مانۇئېل ئالبارىس بۇئېنو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇئېنو ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ياۋروپادىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ئىسپانىيەنىڭ دىيالوگ ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن بالدۇرراق ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان.

ۋاڭمۇ خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن-ئاخىرى تىنچلىق سۆھبىتىگە ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلارلىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ۋاڭ ئۇكرائىنادىكى كىرىزىسنىڭ ياۋروپادا كۆپ يىللاردىن بۇيان يېغىلىپ قالغان بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشى ۋە تىنچلىق سۆھبىتى بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىلىشىشىغا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ياۋروپا ۋە رۇسىيەنىڭمۇ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى دىيالوگ ۋە مۇزاكىرە ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىگە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىنى ھەمدە تەڭپۇڭلۇققا ئىگە، ئۈنۈملۈك شۇنداقلا سىجىل ياۋروپا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلگەن.

خىتاينىڭ ئېمباگولار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئەزەلدىن قوللىمايدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا لىق قانۇندا ئورنى بولمىغان بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارغا دائىم قارشى چىقىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل قەدەملەرنىڭ خەلقئارالىق قائىدەلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغانلىقىنى ھەمدە دۆلەت خەلقلىرىنىڭ پاراۋانلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ: «خىتاي ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا بىۋاسىتە تەرەپ بولمايدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇسى يوق. خىتاينىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ھوقۇقى بار» دېگەن.

ۋاڭ ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپادا مۇقىملىق ئامىلى ئىكەنلىكىنى ۋە كىرىزىسنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇرغان.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا (2022) ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ۋە ئارقىدىنلا رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئېمبارگولار يۈزگۈزۈلۈشكە باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر