زېلېنىسكىي ياۋروپا رەھبەرلىرىنى نۆۋەتنىڭ ئۇلارغىمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1795935
زېلېنىسكىي ياۋروپا رەھبەرلىرىنى نۆۋەتنىڭ ئۇلارغىمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي، «ئورتاق يۈرۈش ئەترىتى»نىڭ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزگەن تېلېۋىزىيە يىغىنىدا ياۋروپا رەھبەلىرىگە خىتاب قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا «ئەخلاقىي پوزىتسىيە» تۇتقان دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلارنى كىيېۋنى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا چاقىردى.

زېلېنسكىي، ئەگەر ياۋروپا ھازىر پوزىتسىيە بىلدۈرمىسە، رۇسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز يەنىلا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى توختىتالايمىز. بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ۋە دېموكراتىيەنىڭ يىمىرىلىشىنى توختىتىش، بۇلارنى ھازىر بىزنىڭ زېمىنىمىزدا توسۇش ئاسان بولىدۇ، بولمىسا ئۇلار سىلەرگىمۇ كېلىدۇ. بىز ھەممىمىز رۇسىيەنىڭ زەربە نىشانى. بىزگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ياردەم قىلىڭلار» دېدى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىيدىن كېيىن سۆز قىلىپ، بۇنىڭ «ئۈمىدسىز پەيت» ئىكەنلىكىنى، رەھبەرلەرنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزگە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز ئۈچۈن دوئېل ئېلان قىلدىڭلار، قىلىدىغانلىرىمىزنى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر