ئامېرىكا ئەمەلدارى: بېيجىڭنىڭ رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتە قوللىشىنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، خىتاينىڭ رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن قوللىشىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە كەلتۈرىدىغان ئاقىۋەتلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1795513
ئامېرىكا ئەمەلدارى: بېيجىڭنىڭ رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتە قوللىشىنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، بىر تۈركۈم مۇخبىرلارنىڭ 24-فېۋرال باشلانغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاستىلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ خىتايدىن ھەربىي لازىمەتلىك تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆردۇق ۋە مەن سىلەرگە پەقەت شۇنى ئېيتالايمەنكى، بىز بۇ مەسىلىنى ئىنتايىن يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئېيتقىنىدەك، ئەگەر خىتاي بۇ ئۇرۇشتا رۇسىيەنى ھەربىي لازىمەتلىك جەھەتتە قوللىسا، بۇنىڭ خىتايغا كەلتۈرىدىغان ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خىتاينىڭ ئىلگىرى غەربنى ئەيىبلەش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى يېپىق شەكىلدە تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەلدار، ئۆزىنىڭ ھەربىي لازىمەتلىك ياردىمى ھەققىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى مۇھاكىمە قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەيدانىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن خىتايدىن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋمۇ، خىتايدىن ھېچقانداق ياردەم تەلەپ قىلماي تۇرۇپمۇ ئۇكرائىنا شەھەرلىرىنى تولۇق كونترول قىلالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر