ئىراقتىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1794508
ئىراقتىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەربىل ۋالىيسى ئومىد خۇشناۋ يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئومىد خۇشناۋ ھۇجۇمنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقەدىن كېيىن شەھەردىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بولسا، ھۇجۇمدا كونسۇلخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى، ۋەقەنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە بۇ «دەھشەتلىك ھۇجۇم» ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى ئەيىبلەندى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى باياناتىدا، «ئەزىز ئەربىل شەھىرىگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇم ۋە ئاھالىلەرنى قورقۇتۇش ھەرىكىتى خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر» دېدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانىمۇ ئەربىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە بىر قىسىم بىنالار ۋە ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئەمما ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكى ۋە بىر پۇقرانىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر