شەنبە كۈنى 13 مىڭغا يېقىن ئۇكرائىنالىق بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەلدى

ئۇكرائىنادا رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان شەھەرلەردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئارقىلىق 13 مىڭغا يېقىن ئۇكرائىنالىقنىڭ بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1794469
شەنبە كۈنى 13 مىڭغا يېقىن ئۇكرائىنالىق بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىرىنا ۋېرېشۇك ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان ھەر قايسى رايونلاردا، شەنبە كۈنى ئېچىلىشى پىلانلىغان 14 ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورىنىڭ 9 ىنىلا ئىشلىتىشكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن سۇمى، كراسنوپولى، پىسارېۋكا، كونوتوپ، لېبېدىن، بۇچا، گوستومېل ۋە نېمېشايېۋ قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ۋە بۇ يوللاردىن پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئىرىنا ۋېرېشۇك، ئېنگورودار، ئارپېن، ۋورزېل، كوزاروۋىچ ۋە بورودىيانكادىن تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ بولسا،  رۇسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋېرېشۇك بۈگۈن ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان شەھەرلەردە ئۇكرائىنالىقلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر