ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، ۋاشىنگتوننىڭ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1794250
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ، رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، پۇقرالار سېپىدىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئۆلۈش - يارىلىنىش ئىشلىرىنىڭ جاۋابكارىنىڭ موسكۋا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنانى ئەيىبلەش ئارقىلىق ئۆزىگە شارائىت ھازىرلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ «بۇ ئويۇننى ئىلگىرىمۇ كۆرگەن»لىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا باياناتچىسى پرايس، بۇنىڭدىن كېيىنكى رۇسىيە بىلەن بولىدىغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىشىش ياكى داۋاملاشماسلىقىنىڭ موسكۋانىڭ مەيدانىغا بىۋاسىتە باغلىق ئىكەنلىكىگە؛ تۈركىيە، فىرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق يېقىن شېرىكلەرنىڭ بۇ دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

نېد پرايس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئىتتىپاق بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەنقەرەنىڭ، ئوخشاش ۋاقىتتا موسكۋا ۋە كىيېۋ بىلەن بولغان سۆھبەتنى ساقلاپ قېلىشى ۋە كۈچلۈك دىپلوماتىك قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋا بېرىپ: «بىز بۇ تەشەببۇسلارنى قارشى ئالىمىز. تۈرك ئىتتىپاقداشلىرىمىز بۇ جەرياندا ئامېرىكا بىلەن تولۇق ماسلاشتى ۋە مەسلىھەتلەشتى. پىرېزىدېنت (جو) بايدىن (رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ) ئانتاليا ئۇچرىشىشىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مىنىستىر (ئانتونىي) بلىنكېنمۇ ۋە مىنىستىر (مەۋلۈت) چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى. بىز ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشلاردىن خۇشالمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر