خىتاي رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارغا رىئايە قىلمىسا، ئامېرىكا ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن

ئامىرېكانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىغا خىتاي رىئايە قىلمىغان تەقدىردە، ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لجيەن نارازىلىق بىلدۈردى.

1793094
خىتاي رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارغا رىئايە قىلمىسا، ئامېرىكا ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لجيەن تۈنۈگۈن (2022-يىلى 9-مارت) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكىنىڭ ئېمبارگولارغا ئالاقىدار سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

باياناتچى جاۋ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي ۋە ئۈنۈملۈك يولى ئېمبارگو ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ھەر تۈرلۈك بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارغا ياكى ئامېرىكانىڭ چېگرا ھالقىغان سوتچىلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېدى.

جاۋ ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، خىتاينىڭ ئەندىشىلىرىگىمۇ دىققەت قىلىشى، ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋە شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى پساكى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارغا رىئايە قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، لېكىن ئەگەر ئېمبارگولارغا رىئايە قىلمىسا، بۇنىڭ ئامېرىكانى ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر